باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر بۇلتۇر پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى ئۈچۈن 729مىليون يۈەن ئاجراتتى

2013.01.16 16:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى؛9–يانۋار ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشۇمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكتىن، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان 520 مىڭ كىشى، 58 مىڭ ئائىلە دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بولغان، مۇكاپات مەبلىغى ئۈچۈن جەمئىي 729 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان، يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى ئالغان ئائىلىلەرنىڭ 14 مىڭ پەرزەنتى نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان.

  بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇتتا مەنپەئەت ئارقىلىق يېتەكلەش سىياسىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، جايلار ۋە تارماقلارمۇ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى ‹‹مۇكاپاتلاش، ئېتىبار بېرىش، يۆلەش، ئالىدىغان ھەقنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما بېرىش›› قاتارلىق سىياسەت–تەدبىرلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلتۇر 30–سېنتەبىرگىچە، ‹‹شەرەپ گۇۋاھنامىسى›› ئالغان ئائىلە 118 مىڭ 500 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان– چارۋىچىلارنىڭ گۇۋاھنامە ئېلىش نىسبىتى %27.37كە يەتتى؛ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە ساغلاملىقنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 57 ناھىيە–شەھەر دۆلەت تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، 27 ناھىيە–شەھەر (رايون) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورنى قىلىنىپ، يېزا–قىشلاقلارنى تولۇق قاپلاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى ۋە ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇت سانلىق مەلۇمات شۆبە مەركىزى قۇرۇلۇپ، كۆزىتىش سۈپىتى قەرەللىك ئېلان قىلىندى. بۇلتۇر 30–نويابىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 329 مىڭ ئايال ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇت ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرىدە تەكشۈرۈلۈپ، نىشانلىق كىشىلەرنى قاپلاش نىسبىتى %29كە يەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ تۇغۇت ساغلاملىقى قاتارلىق تۈرلەر مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇغۇت ساغلاملىقى بويىچە 400 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى مەنپەئەتلەندى؛ توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 47 ناھىيە (شەھەر) 11 مىليون 637 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ تۈرنى يولغا قويۇپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان–چارۋىچىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە «تۇغۇت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، بەختلىك ئائىلە قۇرۇش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت بويىچە سۈپەتلىك، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەتنىڭ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇت ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلنى «نوپۇسنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ تور بېتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ يىل تۆت دەرىجىلىك ئۇچۇر تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇنبىرى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆچمە نوپۇسقا باراۋەر مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كۆچمە نوپۇسقا پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاپپاراتى، خادىمى ۋە خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەھەللىلەردە كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىش بازىسى قۇرۇپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇت ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە تۇغۇت مۇلازىمىتى كىنىشكىسىنى باشقا جايدا بېجىرىش قاتارلىق ئىشلاردا باراۋەر مۇلازىمەت قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمە نوپۇسنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە