گۇاڭجوۋدا 90 مىڭدىن ئارتۇق ساختا ماشىنا-پويىز بېلىتى قولغا چۈشۈرۈلدى
2013.01.16 16:30 مەنبە: خەلق تورى
15-يانۋار، گۇاڭجوۋ تۆمۈر يولى جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى ساختا بېلەت ۋە تالون-ئسپات ياساش چوڭ دېلوسىنى پاش قىلىپ، 90 مىڭدىن ئارتۇق ساختا بېلەتنى قولغا چۈشۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار گۇاڭجوۋدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر 15-چېسلا گۇاڭجوۋ تۆمۈر يولى جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسىدىن مۇنداق خەۋەر تاپتى: گۇاڭجوۋ تۆمۈر يولى جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى 14-چېسلا ساختا بېلەت ۋە تالون-ئىسپات ياساش-سېتىش دېلوسىدىن ئىككىنى پاش قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دېلودا ساختا پويىز بېلىتى ۋە ماشىنا بېلىتىدىن 90 نەچچە مىڭنى، ساختا تالونلاردىن 10 نەچچە مىڭنى قولغا چۈشۈردى.(مۇخبىر ۋۇتاۋ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە