- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۈرىيە ئارمىيىسى بىر ئايدا 20دىن ئارتۇق قىسقا مۇساپىلىك ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى
2013.01.16 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋانا لۇنجىسكۇ 14-يانۋار مۇنداق دېدى: رازۋېدكا قىلىشىمىزچە سۈرىيە ئارمىيىسى ئۆتكەن بىر ئايدا 20دىن ئارتۇق قىسقا مۇساپىلىك ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن.
لۇنجىسكۇ مۇنداق دېدى: يانۋاردىن بۇيان، سۈرىيە ئارمىيىسى ئۇدا بىر قانچە قېتىم قىسقا مۇساپىلىك ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 13-يانۋار قويۇپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلا سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنى نىشانلىغان بولۇپ، ھەممىسى سۈرىيە زېمىنىغا چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۈرىيەنىڭ شىمالى ئاساس قىلىنغان، لېكىن بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ چۈشكەن يېرى سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگرىسىغا بەكمۇ يېقىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە