- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۇنياغا داڭلىق دىنى ئالىم يۈسۈف ئەلقارزاۋىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى يازما بايانات ئېلان قىلدى
2013.01.16 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:دۇنياغا داڭلىق دىنى ئالىم يۈسۈف ئەلقارزاۋىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى يازما بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى دۆلەت بېشىدىكى«زالىم ھۆكۈمدار»نىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سۈرىيەدىكى سوغۇقتا، ئاچ يالىڭاچ، كېسەللىك، ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلۈمگە قاراپ كېتىۋاتقان خەلقىگە بېرىلىدىغان ياردەمنى تىزلىتىش كېرەكلىكىنى. ھەمدە بارلىق ئەرەب ۋە باشقا ۋىجدانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردەم قېلىشى ناھايىتى مۇھىم دەپ يازغان.
ئاخىردا يەنە تۈركىيە خەلقىنىڭ سۈرىيەدىكى بىچارە مۇسۇلمانلارغا قىلغان ياردەملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۇلارنى ماختىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە