- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دەمەشقنىڭ شەھەر سىرتىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلۈم-يېتىم بولدى
2013.01.16 15:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ غەربىي جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى مۇئادەميا بازىرىدا جەڭ قىلدى، جەڭدە 13 ئادەم قازا قىلدى.
سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆكتىچى قوراللىق خادىملار دايالا بازىرىدىن مىناميوت قويۇپ بېرىپ، مۇئادەميا بازىرىدىكى بىر ئاھالىلەر بىناسىغا تەگكۈزۈپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىكەن.
ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئەربابى مۇنداق دېدى: قوراللىق خادىملارنىڭ مۇئاداميا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ بازارنى بومباردىمان قىلدى، بومباردىماندا 13 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان سەككىز بالا بار، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.ئىگىلىنىشىچە، 22 ئاي داۋام قىلغان سۈرىيەدىكى توقۇنۇش 3500 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە