باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇدا دالاي گۇرۇھى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئەزالىرى تەشكىللەپ پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى

2013.01.16 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار لەنجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: گەنسۇدا ساقچىلار چېگرا سىرتىدىكى دالاي گۇرۇھى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ غوللۇق خادىملىرى تەشكىللەپ پىلانلىغان، چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قايمۇقتۇرغان ۋە كۈشكۈرتكەن، تەشكىللىك پىلانلىق ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى غەلىبىلىك پاش قىلدى، بۇ دېلودا ئۆلگەن ئادەم بىر. نەيزاڭ جياسو، گۇڭباۋ جيې، جاشى جيەنسو قاتارلىق 7 نەپەر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.

  ساقچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە تەشكىللەش، كۈشكۈرتىش، قۇترىتىش، خەلققە زىيانكەشلىك قىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش باشقىلارنى ھاياتىدىن قەستەن مەھرۇم قىلىشتەك ئېغىر جىنايى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ساقچىلىرى خەلقئارالىق ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ساقچى دائىرلىرىدىن تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېلونى تەكشۈرۈش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش قارارىغا كەلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە