باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى يولۇچى ترانسپورت باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ زوچىغا 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

دىۋىگاتېل بىلەن قوزغىتىلىدىغان پويىز سېتىۋېلىشقا خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھارام پايدا شىلىۋالغان

2013.01.17 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەققانىيەت تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ليۇ جېجۈن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى يېقىندا تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسەتكەندىن كېيىن، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىدا سادىر بولغان بىر قاتار خىيانەتچىلىك-چىرىكلىك دېلولىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى يەنە جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى يولۇچى ترانسپورت ئىدارىسى يولۇچى ترانسپورت باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ زوچى پارا ئالدى دەپ گۇمان قىلىنغانلىقتىن بېيجىڭ تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەنلىكى، سوت مەھكىمىسى يېقىندا ليۇ زوچىغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 600 مىڭ يۈەنلىك مال-مۈلكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە