باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ قويۇق بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2013.01.17 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار 15- يانۋار بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىدۇ؛ ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو تۈركىيە كارخانىچىلىرى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: جۇڭگونىڭ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، كىيىم كېچەك، كۈندىلىك بويۇملىرى تۈركىيەلىك ئىستىمالچىلارنى جەلپ قىلدى. تۈركىيەنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق سانائىتى خام ماتىرىياللىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودا قارشى ئېلىندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش يوللىرى كۆپەيدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتا غايەت زور كەم كۇسلىرىنى تولۇقلاشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئىككى تەرەپ قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېخنىكا، كانچىلىق، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىمكانىيەتلىك ھەمكارلىق يوللىرىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە