باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2012-يىل شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مىقدارى 140 مىليون توننىدىن ئاشتى

2013.01.18 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائەتلىرىگە بەس-بەس بىلەن ئىش باشلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، 2012-يىلى، شىنجاڭدا ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مىقدارى 140 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشتى. شىنجاڭنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى بويىچە 20 مىليون توننا كۆمۈر يۆتكىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار شىنجاڭ كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مىقدارى 141 مىليون 720 مىڭ توننىغا يەتكەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە 20 مىليون توننا كۆمۈر يۆتكەلگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، بۇلتۇر شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى، تۇرپان-قومۇل كۆمۈرلۈكى، ئىلى كۆمۈرلۈكى، كۇچا - باي كۆمۈرلۈكى، قوبۇقسار كۆمۈرلۈكى قاتارلىق بەش چوڭ كۆمۈر بازىسىنى ئېچىش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن زورايتىپ، 58 جايدىكى مىليون توننىلىق كۆمۈرلۈك، 18 جايدىكى 10 مىليون توننىلىق كۆمۈرلۈك تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرگەن، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى « تەبىئىي گازنى سىرتقا يەتكۈزۈش » تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ــــ غۇلجا-قورغاس تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «تۆمۈريولدا كۆمۈر توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى » ـــ كۇچا-ئارغىبۇلاق تۆمۈريولىنى پۈتتۈرۈپ، قاتناش باشلىغان، «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى بولغان قومۇل-جېڭجۇ 800 كىلوۋولتلىق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىمدا تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان.

  بۇلاردىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ، 32 مىليارد يۈەنگە قومۇل سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىدىكى 14 مىليارد 900 مىليون توننا كۆمۈر بايلىقىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2010-يىلى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىغا، 2011-يىلى 120 مىليون توننىغا يەتكەن. بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى 100 دىن ئارتۇق دۇنيا دەرىجىلىك ئېنېرگىيە كارخانا-گۇرۇھلىرىنى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر گازى، كۆمۈر مېيى قاتارلىق كۆمۈر خىمىيە تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان، ئۇلار سالغان ئومۇمىي مەبلەغ نەچچە يۈز مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە