باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرچە، قازاقچە ‹‹ قانۇن-نىزاملار توپلىمى›› نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2013.01.21 14:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ‹‹قانۇن-نىزاملار توپلىمى›› نى تارقىتىش مۇراسىمى 19-يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر كۆپ ، تىل-يېزىقمۇ كۆپ بولۇش ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ ، قانۇن-نىزاملارنى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش ، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى توپلىمى›› ( 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە) ۋە ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك نىزاملىرى توپلىمى›› ( 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە) نىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى : بۇ ئىككى ‹‹ قانۇن -نىزام توپلىمى ›› نىڭ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيەسى خىزمىتىدىكى مۇھىم ئۇل قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ ئىش . بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، بۇ ئىككى ‹‹ قانۇن -نىزام توپلىمى ›› نى ئاساسىي قاتلامغا ، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرگە ۋە يېزىلارغا تېزراق يەتكۈزۈپ ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش ، قانۇندىن پايدىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياخشى بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ھازىرلىشىمىز ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە