باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قومۇل ۋىلايىتى : رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتكە بېرىش ۋە قايتىشتا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ

قومۇل ۋىلايىتى : رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتكە بېرىش ۋە قايتىشتا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ

2013.01.18 16:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى : (مۇخبىر ۋاڭ شىچاڭ ، ئىختىيارى مۇخبىر ۋاڭ خاۋپېڭ ) 13-يانۋار سائەت 20:50 تە شىنجاڭ قومۇل رادىيو-تېلېۋىزىيە گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى زۇڭ خۇا شىنلاڭ مىكروبىلوگىدا مۇنداق بىر خەۋەر تارقاتتى . گەرچە بۇ خەۋەر 30 خەتكە يەتمىسىمۇ ، لېكىن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ، تورداشلار ئۇنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى ۋە باھا بەردى . شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ، بۇ پەقەت قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى 12-تۈرلۈك بەلگىلىمە ئىچىدىكى بىر ماددىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى .

  8-يانۋار ، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى ، بۇ يىغىن ئىلگىرىكى يىللاردا 2 كۈن ئېچىلاتتى ، بۇ يىل 1 كۈنگە قىسقارتىلدى . 11-يانۋار قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرى مەھكىمە « خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدا 12 تۈرلۈك بەلگىلىمە » چىقاردى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى) .

  «بەلگىلىمە» دىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان بىر ماددا شۇكى: «رەھبىرىي كادىرلارنى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدا خىزمەتكە ئاپىرىشقا ۋە خىزمەتتىن ئەكىلىشكە بولمايدۇ ، يېشىل ئىش بېجىرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ ، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەر كۈنى ئىككى سائەت ئاز ئىشلىتىلىدۇ : ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ، مۇھىت ئاسرايدىغان، سەرپىياتى تۆۋەن ئىش بېجىرىش ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلىتىش كېڭەيتىلىدۇ ؛ چوڭ ھېيت–بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرى مەزگىلىدە ئىسمىنا ئاپتوموبىلى قالدۇرۇلغاندىن سىرت ، باشقا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى بىردەك پېچەتلىنىدۇ ؛ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت ، دېموكراتىك نازارەت ، مەخسۇس ئورگانلارنىڭ نازارىتى ، ئاممىنىڭ نازارىتى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتى ئاڭلىق قوبۇل قىلىنىدۇ » .

  بۇنىڭدىن سىرت ، «بەلگىلىمە » دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەر يىلى 60 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك ؛ قارشى ئېلىش-ئۇزۇتۇش ، كۈتۈۋېلىش ، تەكشۈرۈپ تەققىق قىلىش نۇقتىلىرىدا پىلاكاتلارنى ئېسىشقا ، رەڭدار بايراقلارنى قاداشقا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، كۆرسىتىش ئېكرانى ياساش ئارىقىلىق قارشى ئېلىش شۇئارلىرىنى كۆرسىتىشكە بولمايدۇ ، ئاممىنى قارشى ئېلىش-ئۇزۇتۇش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ، باش قاتۇرۇپ گۈللەرنى تىزىشقىمۇ بولمايدۇ ، دوكلات يىغىنلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، تەكشۈرۈپ تەققىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .

  قومۇل ۋىلايىتى ھەر يىلى 3-ئاينى « يىغىنسىز مەزگىل » قىلىپ بەلگىلىدى ، ھەمدە باشقا يىغىن پائالىيەتلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى ، يىغىن سانىنى قىسقارتىش ، يىغىنلارنى قىسقارتىپ بىرلەشتۈرۈپ ئېچىش ، زۆرۈر بولمىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تارقاتماسلىق ، يىغىن پائالىيىتىدىكى تاماق ۋە ياتاق ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىش ، خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىشنى ، ۋىلايەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئىدارىلەر ئارا ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان قىلىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش ، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش بەلگىلەندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھۆججەت ۋە خەۋەرلەرنى قىسقارتىش ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش ، چەت ئەلگە چىقىش ۋە سىرتقا تەكشۈرۈشكە ، ئۆگىنىشكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزالىرى ئۆز ئالدىغا ئاشكارا ھالدا ئەسەر نەشر قىلدۇرماسلىق ، سۆزلىرىنى كىتاب قىلىپ چىقارماسلىق ، تەبرىك خېتى ، تەبرىك تېلېگىراممىسى ، بېغىشلىما سۆزى ئەۋەتمەسلىك ، كىرىش سۆزى يازماسلىق ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ژورنال مەتبۇئاتلارنىڭ پەخرىي ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماسلىق ، سىرتقا قارىتا كۈتۈۋېلىش خىزمىتى 45 مىنوتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەندى .

  قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى ، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كېيىنكى باسقۇچتىكى ھالقىلىق مەسىلە بەلگىلىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش. بىرىنچىدىن ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ ، قىلماسلىق بەلگىلىگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماي ، كۆپچىلىككە ئۈلگە كۆرسىتىش ؛ ئىككىنچىدىن . رەھبىرىي ئورگان باشلامچى بولۇپ ، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىق ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش ؛ ئۈچىنچىدىن ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىپ ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت » .

  14-يانىۋاردىن باشلاپ ، قومۇل ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئاجىرتىپ ، «بەلگىلىمە» نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاشكارا كۈزىتىدۇ ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىدۇ ، «بىز بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان ، چەكلەنگەن ئىشلارنى توختاتمىغان ، تاقابىل تۇرۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ، بىرسى بايقالسا بىرسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز ، ھەرگىز يول قويمايمىز ، يۇمشاق قوللۇق قىلمايمىز ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش، رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتكە بېرىش ۋە قايتىشتا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىمىز ». قومۇل ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ شىڭبىڭ : نازارەت قىلىش ، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ، ئامما ۋە كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .)مۇسا ئەخمەت تەرجىمىسى(

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە