باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشنى مۇھاكىمە قىلىپ تەڭشىمەكچى

2013.01.18 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ 17-چېسلا چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە باشقۇرۇشقا دائىر پىكىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن. بۇلار ئاساسلىقى، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم ئايرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ رەتكە سېلىش، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش قاتارلىق باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىم تەقسىماتى مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش، ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، جامائەت سەھىيەسى، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەلىرىدىكى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئىمكانقەدەر تېز ئايرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇ ھەقتە، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى «ئىقتىسادقا دائىر پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش جەريانىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىتىلغان يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇش نىسبەتەن ئەمەلدە ئاقتۇرغىلى بولىدىغان بىر لايىھە، دېگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە