باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتا كۆپ جايدا پارتلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2013.01.17 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىراق مەملىكىتى تەۋەسىدە 16-يانۋار پارتلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 31 ئادەم قازا قىلغان، 200 ئادەم يارىلانغان.

  ئەڭ ئېغىر بولغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىراقنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازار كىركۇكدا يۈز بەرگەن. بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكىلىدە ھۇجۇم قىلغۇچى پارتلاتقۇچ قاچىلانغان يۈك ماشىنىسىنى كىركۇك مەركىزىدىكى بىر ئىشخانىغا ھەيدەپ كىرىپ، كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلار ۋە نۇرغۇن ئاپتوموبىلنى ۋەيران قىلغان، ئارقىدىنلا قىسمەن كۈردىستان دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

  كىركۇك ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قۇتقۇزغۇچى بۆلۈم تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ پارتلاش ۋەقەسىدە 16 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 190 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. يارىلانغانلار ئىچىدە بەزىلەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىكتىن قازا قىلغانلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ.

  ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۇز خۇرماتۇ شەھىرىدىمۇ شۇ كۈنى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم پارتلاپ كەتكەن، 40 ئادەم يارىلانغان.

  ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچيىپ قالغان. سۈننىي مەزھىپىدىكى خەلق يېقىندا كۆپ قېتىم نامايىش قىلىپ، شىئە مەزھىپى يېتەكچىلىك قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى مىللەتلەرنى باسقانلىقىغا قارشى تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە