- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا ياپونىيەنى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇردى
2013.01.18 13:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى ئونودېرا ئىسىنورى 17-يانۋار مۇداپىئە ۋازارىتىدا، زىيارەتكە بارغان ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روسى بىلەن سۆھبەتلەشتى. روسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە تېزدىن سوغۇققان بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە دياۋيۈ ئارىلىنى ياپونىيە ئامېرىكا بىخەتەرلىكنى ساقلاش دائىرىسىگە تەۋە دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇ ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگو ئايروپىلانلىرىغا ئېتىپ چۈشۈرىمىز دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى توغرىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىككى تەرەپ يەنە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادىكى پوتېنما بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىسى ۋە ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە