جۇڭگو دېڭىز ئىشلىرى بىرىنچى پاراخوتى «دېڭىزنى چارلاش 21» سەنشادىكى يوڭشىڭ ئارىلىغا يېتىپ باردى
2013.01.17 17:07 مەنبە: خەلق تورى
16-يانۋار، «دېڭىزنى چارلاش 21» ئەترىتى قانۇن ئىجىرا قىلىش خادىملىرى سەنشادىكى يوڭشىڭ ئارىلىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. خەينەن دېڭىز ئىشلىرى پاراخوتى «دېڭىزنى چارلاش 21» سەنشاغا بېرىپ، چارلاش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 15-يانۋار خەيكو دېڭىز ئىشلىرى بازىسىدىكى پىرىستاندىن يولغا چىقىپ، 16-چېسلا سەنشادىكى يوڭشىڭ ئارىلىغا يېتىپ كەلدى. پاراخوت«دېڭىزنى چارلاش 21» يوڭشىڭ ئارىلى، دوڭداۋ ئارىلى، لاڭخۇا تاقىم ئارىلى، چېنخاڭ ئارىلىدىن ئۆتۈپ، 19-يانۋار سەنيا پورتىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 600 دېڭىز مېلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە