باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق» بىر چوڭ ئىستراتېگىيە(1)

2013.01.18 13:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «سەمىمىي كىشىلەر» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلاردىكى تايانچ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاۋانگارت، خالىس تۆھپە قوشقۇچى ئاساسىي كۈچ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ كاپالىتى.

  يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ نەزەرىدە پەقەت ماركس، لېنىنغا ئوخشاشلار، بېتيون، جاڭ سىدېغا ئوخشاشلار، لېي فېڭ، ۋاڭ جىنشىغا ئوخشاشلار پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز ھەقىقىي موھتاج بولغان «سەمىمىي كىشىلەر»دۇر. شۇڭا، 18– قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى «سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق، پۇرسەتپەرەسلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرمەسلىك» مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىشلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىزنىڭ تەشكىلىي كاپالىتى بولۇپ، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىيەتچانلىق قىممىتىگە ئىگە.

  «سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق» پۈتۈن پارتىيەمىزنىڭ بىردەك ساداسى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ جىددىي ئارزۇسى. «سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسال سىستېما، مېخانىزم بەرپا قىلىش ۋە كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، «سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق»نىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات قىممىتىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى ئۆستۈرۈپ، «سەمىمىي كىشىلەر»دىن بولۇش ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىدىيەۋى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ، رەھبەرلىك تەشكىلاتى ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچتە دۇرۇس بولۇش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «كوللېكتىپ شەخسىيەتچىلىك» زېمىنىنى تۈپتىن يوقىتىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە