- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كانادا بىلەن دانىيە ئەمەلدارلىرى شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
2013.01.18 13:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى كانادا بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرغان كانادالىق رەئىس لېئونا ئاگېلۇكاك 16-يانۋار دانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سېفىندار بىلەن كوپىنھاگېندا كانادانىڭ پات ئارىدا شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
كانادا 2013-يىلى 5-ئايدا شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولىدۇ. ئاگېلۇكاك مۇنداق دېدى: كانادا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش، دېڭىز تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئۈچ سىياسىي ساھەگە ئەھمىيەت بېرىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە