باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ھال–كۈنى ياخشىلانغاندىلا، كۆپچىلىكنىڭ ھال–كۈنىمۇ ياخشىلىنىدۇ(1)

2013.01.18 13:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا: « دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ھال–كۈنى ياخشىلانغاندىلا، كۆپچىلىكنىڭ ھال–كۈنىمۇ ياخشىلىنىدۇ» دېگەنىدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىزگە ناھايىتى ئاددىي بىر قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، يەنى بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. مىللەت گۈللەنگەندە، دۆلەت باي ۋە قۇدرەتلىك بولغاندىلا كىشىلەرگە بەخت ئاتا قىلالايدۇ.

  «ئائىلە كىچىك بىر دۆلەت، دۆلەت نەچچە ئون مىليون ئائىلىدىن تەشكىل تاپىدۇ». ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ناخشا كىشىلەرنىڭ «دۆلەت» بىلەن «ئائىلە»، «دۆلەت» بىلەن «شەخس» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان ئەڭ ئەقەللىي تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، «ئائىلە ۋە دۆلەت ھېسسىياتى» ئائىلە ۋە دۆلەت ئىدىيەسى ئاساسىدىكى دۆلەتنى سۆيۈش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر، بۇ كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ.

  بۇنداق ھېسسىيات ئالدى بىلەن ئاممىنى سۆيۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئەينى يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ «مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئوغلى، مەن دۆلىتىمىزنى ۋە خەلقىمنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ خەلقنىڭ پايدا مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئوتلۇق مۇھەببەت دۆلەت ھال– كۈنىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن مىللەت ۋە خەلق ھال–كۈنىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تۇتاشتۇرىدىغان جان تومۇردۇر.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە