باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ھەسسىلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 100 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سالماقچى

2013.01.18 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، جۇڭگو تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شېڭ گۇاڭزۇ 17-چېسلا مەملىكەتلىك تۆمۈريول خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2020-يىلغا بارغاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر ھەسسىلەش نىشانىغا ئاساسەن، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ھەسسىلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، 2013-يىلى ئىچىدە 100 مىڭ يۈرۈش ئىشچى-خىزمەتچىلەر كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، بۇنىڭ 75 مىڭ يۈرۈشىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. (جوۋ يىن خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە