- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹شادىمان چاغان›› پائالىيىتى ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى
2013.01.21 14:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى ‹‹ شادىمان چاغان ›› پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار ئىران پايتەختى تېھراندىكى جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى (سۈرەتتە: جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى)
|
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى ‹‹ شادىمان چاغان ›› پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار ئىران پايتەختى تېھراندىكى جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ پائالىيەت 18-قۇرۇلتاي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ۋە بىلىمدە بەسلىشىش ، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، چامباشىچىلىق نومۇرلىرى ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ، جۇڭگونىڭ تائاملىرى ، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئىران خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى .
18-قۇرۇلتاينىڭ بىلىمدە بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جاۋاب قەغىزىنى تولدۇرۇۋاتقان ھەبىبى بىر جۇڭگو چامباشىچىلىق ھەۋەسكارى بولۇپ ، ئىلگىرى بېيجىڭغا كېلىپ كوڭزى ئىنىستىتۇتى باش ئىشتابىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان . ئۇ مۇنداق دېدى : بۇ تولىمۇ ياخشى پائالىيەت بولدى ، جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە ناخشا-مۇزىكىلىرى ، نەپىس ئۇسسۇللىرىدىن جۇڭگونىڭ مول مەدەنىيەت ، ئەنئەنىلىرىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ ، يەنە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى تېتىغىلى بولىدۇ ، جۇڭگوچە تائاملار ھەقىقەتەن ياخشىكەن .
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىشنىڭ خانىمىمۇ تولىمۇ خۇشال كەيپىياتتا شۇ كۈندىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى . ئۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم ئىراندا ئۆتكۈزگەن ‹‹ شادىمان چاغان ›› پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ، ئەنئەنىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىران بىلەن نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئوخشاپ كېتىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئىرانلىقلار شىنجاڭغا تولىمۇ قىزىقىدۇ ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، ‹‹شادىمان چاغان ـــ ئىرانغا سەپەر›› پائالىيىتىدە مەخسۇس شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىنغان .
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر
ئىران خەلقى جۇڭگو ئەلچىخانىسىدا چاغان بايرىمى كەيپىياتىنى ھىس قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە