باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتالى كىملەرنىڭ بېلىتىنى تارتىۋالدى؟

2013.01.21 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بېلەتنىڭ ئالدىن سېتىۋېلىش ۋاقتىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ. بېلەت سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، توردا ھەرخىل بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتاللىرى ئەۋج ئېلىپ، ئادىللىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.

  مۇتەخەسسىسلەر بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتاللىرى نورمال بېلەت سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، بۇ باشقا بېلەت سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادىل بولمىدى، يەنە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىمۇ مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتتى.

  بېيجىڭدىن خۇبېي شياڭياڭغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولغان شياۋياڭ ھەر قانچە قىلىپمۇ بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالدىن شياڭياڭغا بارىدىغان بېلەتنى ئالالماي، «باشقا يول بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش»نى قارار قىلغان. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇ بېلەت تالىشىش ئىقتىدارى بار مەلۇم بىر تور كۆرگۈچ ئارقىلىق «بېلەت تالىشىش» قارارىغا كەلدى: ئۇ ئالدى بىلەن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن جېڭجوۋغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك G5221-قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالدى، ئاندىن جېڭجوۋدىن خەنكوۋغا بارىدىغان ئادەتتىكى تېز سۈرئەتلىك K863-قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىنى، ئاخىرىدا خەنكوۋدىن شياڭياڭغا بارىدىغان D5221 قېتىملىق دېۋىگاتىل بىلەن قوزغىتىلىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالدى.

  شياۋياڭ مۇنداق دېدى، بېلەت سېتىۋېلىش يۇمشاق دېتالى بولسا دەلىللەش نومۇرىنى قايتا-قايتا كىرگۈزۈش ۋە زاكاس قىلىش بۇيرۇقىنى قايتا-قايتا يوللاش كەتمەيدىكەن، بۇ يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچىگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن خىزمەت قىلىپ بېرىدىكەن، ۋاقىتنى تېجەيدىكەن.

  مەنبە: خىلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە