باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستىلنى ياخشىلاشقا دائىر «سەككىز بەلگىلىمە» مەملىكەت بويىچە ئەمەلىيلەشتى، جايلار ۋە تارماقلار تەپسىلىي پىرىنسىپنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى

2013.01.21 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چاغان مەزگىلىدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆزئارا پەتىلەشمەسلىك»، «ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئورىگىنالى 1500 خەتتىن ئاشماسلىق»، «ئاۋۋال ئۇقتۇرماي، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرمايدىغان ئىختىيارىي تەكشۈرۈشلەرنى كۆپرەك قىلىش» ……..

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشقا دائىر «سەككىز بەلگىلىمە»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى تارماقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ تۈرلۈك تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ھازىرغا قەدەر، گەنسۇ، جياڭسۇ، بېيجىڭ قاتارلىق 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر كونكرېت يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق نۇرغۇن كومىتېت، مىنىستىرلىقلارنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىمۇ جامائەتكە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە