باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشىيەن كامال قېلىچدار ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى

2013.01.21 08:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامال قېلىچدار ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى.
  خەلق تورىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامال قېلىچدار ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كامال قېلىچدار ئوغلى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئىلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ئىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى 18-يانۋار شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى، جاڭ چۈنشىيەن كامال قېلىچدار ئوغلىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

  جاڭ چۈنشىيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ قوللىشى بىلەن شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاندى، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىقتىساد 2010-يىلىدىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل %10 لىك نىسبەت بويىچە ئاشتى.

  جاڭ چۈنشىيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق يىللىق تارىخقا ئىگە، تارىختىكى يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغان، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان شىنجاڭ دەل ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان تۈگۈن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىرلىگى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق، ئىككى پارتىيەنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلاندۇرۇپ، ۋە مۇستەھكەملەپ، تۈركىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كامال قېلىچدار ئوغلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، جۇڭگو رايونلار ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلق پارتىيەسى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىگى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى قوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ زورايتىدۇ، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە