باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.01.24 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىسنتىر ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پات ئارىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۈنۈلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىشنى قارار قىلدى. گوۋۇيۈەن پات ئارىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، مۇتەخەسسىس ئالىملار، كارخانا مەسئۇللىرى، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت سەھىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە ئاساسى قاتلام ئاممىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ.

  ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىر يۈرۈش تەبىئىي ئاپەت ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ غايەت زور زەربىسى ئالدىدا، بىز قىلچە قورقۇپ قالمىدۇق، چېكىنمىدۇق، باشتىن-ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تايىنىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى بوشاشماستىن ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك قېيىنچىلىق ۋە خېيىم-خەتەر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  ۋېن جياباۋ سۆزىدە ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ئەتراپلىق شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ھۆكۈمەتكە مەسئۇل بولۇش، ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش ۋە پاك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر يۈرۈش ئاكتىپ ئۈنۈملۈك ئىسلاھاتنى ئېلىپ باردى، بىز بۇنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن ئىلھام ۋە تەجرىبىگە ئېرىشتۇق. ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش- ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى شۇنداقلا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش نىشانى بويىچە، ھۆكۈمەت فونكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى، مەمۇرى ھەرىكەت مېخانىزمى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە