باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە سۇرىيەدىكى مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى(1)

2013.01.24 15:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىران يېقىندا قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە «ياخشىلىنىش بولماقتا» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك قوللىغۇچىسى رۇسىيە 22-يانۋار ئىككى مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ، لىۋاندىن يۈزدىن ئارتۇق رۇسىيەلىكنى چېكىندۈرۈپ چىقتى.

  تەھلىلدە: بۇنداق قىلىش رۇسىيەنىڭ مۇھاجىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە چېكىندۈرۈشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ رۇسىيەنىڭ باشار ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ ھېسابلاندى.

  رۇسىيە مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈشنى ئالدى بىلەن لىۋاندىن باشلىدى

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يىلىنا رۇسىۋۇس 22-يانۋار تاراتقۇلارغا: سۇرىيەدىن ئايرىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتكە قايتىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى رەھبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى يىر 76 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن بىرنى ۋە ياك 42 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن بىرنى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  رۇسىۋۇس مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى مەخسۇس ئايروپىلان يۈزدىن ئارتۇق رۇسىيە پۇقراسىنى بىۋاسىتە دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. لىۋانغا بېرىشقا تەييارلانغان بۇ رۇسىيە مۇھاجىرلىرى ئاساسلىقى سۇرىيەگە ياتلىق بولغان ئاياللار ھەمدە رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن بالىلىرى ۋە ئەرلىرى.

  لىۋاندىكى «چولپان گېزىتى» 22-يانۋار لىۋاندا تۇرۇشلۇق رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تەخمىنەن 150 رۇسىيە پۇقراسى سۇرىيە ئارقىلىق لىۋاندىن رۇسىيەگە قايتتى. بىز رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا سۇرىيەدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان بارلىق رۇسىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز.

  بۇ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىن خەلقئارا ئايرودرومغا بارىدىغان يوللار ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ كەتتى. ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن چەتنىڭ بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش نىيىتىدە بولماقتا. شۇڭا، بىز سۇرىيەدىن ئايرىلماقچى بولغان رۇسىيە پۇقرالىرىغا بېيرۇتتىن يول ئاچتۇق، چۈنكى بۇ ئەڭ يېقىن يول.

  بۇ ئەمەلدار يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 22-يانۋاردىكى چېكىنىش تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەس، چۈنكى سۇرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىدا ئايرىلىش بېسىمى يوق. دەمەشقنىڭ نۇرغۇن رايونلىرى يەنىلا بىخەتەر، ئۇ يەردە ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش يوق.

  ئەمما، دەمەشىقتىكى بىر جۇڭگولۇق 22-يانۋار جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى مۇخبىرىغا: ئۆكتىچى گۇرۇھ كۈچلىرىنىڭ دەمەشققە سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە