باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش-ئاۋسترالىيەنىڭ تۇنجى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى

2013.01.24 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەنىڭ باش مىنىستىرى جۇلىيا گېللارد 23-يانۋار ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلىدى، نۇتقىدا ئاۋسترالىيەنىڭ تۇنجى «دۆلەت بىخەتەرلىك سىتىراتىگىيىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئاۋستىرالىيەنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى دەۋردىكى تۇنجى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى دەپ قارىدى. گېللارد مۇنداق دېدى:دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىتىراتىگىيىلىك مەركىزى شەرققە سۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ ئاۋسترالىيەگە زور پۇرسەت ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ئاۋسترالىيە ئالدى بىلەن يېڭى دەۋردىكى بىخەتەرلىك سىتىراتىگىيىسى مۇھىم نۇقتىسىنى ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئاۋسترالىيە نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەتنىڭ ھەرىكىتىدىن دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇندىن كېيىنكى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە