باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە سىستېمىلىق رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھتىن ئالتىنى قويۇپ بەرمەكچى(1)

2013.01.24 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 6 سىستېمىلىق رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىنى كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق سۈرەتكە ئېلىش ۋە كۈزىتىشنى پىلانلىغان. بۇ ئالتە يېڭى سۈنئىي ھەمراھى ئوپتىكا سۈنئىي ھەمراھى بىلەن رادار سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى ئورنىتىش-ئاپەتنى كۈزىتىش، خەرىتە سىزىش، بايلىق تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئوپتىكا سۈنئىي ھەمراھى بىلەن رادار سۈنئىي ھەمرايىنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىنى سۈرەتكە ئالالايدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيەدە ھازىر چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇش بېرىشىنى مەخسۇس نازارەت قىلىدىغان ئاخبارات توپلاش سۈنئىي ھەمراھى باركەن. قويۇپ بەرمەكچى بولغان 6 يېڭى سۈنئىي ھەمراھ ياپونىيەنىڭ ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدىكەن. بۇ قېتىم ئالجىرىيەدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە سۈنئىي ھەمراھ ساھەسىدىكى ئاخبارات توپلاش تۈزۈلمىسىنىڭ يەنىلا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكىغا يەنىلا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىنى ئالدىن ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان، ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتى 1969-يىلى ماقۇللىغان ئالەمدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش قارارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ياپونىيە رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سۈرەتنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بىر مېتىردە چەكلەنگەن، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سۈرەت پەرق ئېتىش ئىقتىدارى 15 سانتىمېتىر ئىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە