باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە سىستېمىلىق رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھتىن ئالتىنى قويۇپ بەرمەكچى(2)

2013.01.24 14:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ياپونىيە ئاساسلىق يەر ئۈستىدىكى كۈزىتىش سۈنئىي ھەمرايى ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاخباراتلىرىنى يىغىدۇ. ياپونىيە 27-يانۋار بىر رادار سۈنئىي ھەمرايى قويۇپ بېرىدۇ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلسە، ياپونىيەنىڭ بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان رازۋېتكا سۈنئىي ھەمرايى 4 كە يېتىدۇ، بۇلارنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى 60 سانتىمىتېر ئەتراپىدا. كەلگۈسىدىكى 6 سۈنئىي ھەمراھنى قوشقاندا ياپونىيەنىڭ يەر ئۈستىنى رازۋېتكا قىلىش سۈنئىي ھەمرايى 10 غا يېتىدۇ، يېڭى پىلان 4-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، پەن تېخنىكا ۋازارىتى 2013-يىلىدىكى خامچوتتا سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا 14 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يىنى ئاجراتقان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى سىستېمىنىڭ تەتقىقات چىقىمى ۋە مەشغۇلات چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان شەرقىي جەنۇبي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن مەبلەغ توپلىماقچى. گەرچە ئاخبارات توپلايدىغان سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارىلانمىسىمۇ، بىراق يېڭى سېستىمىدا تارتىلىدىغان سۈرەتلەر ئەل ئارىسىدا سېتىلىدىكەن، بۇنىڭ پايدىسى يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە سەرپ قىلىنىدىكەن.

  ياپونىيە يۇمۇرى خەۋەرلىرى گېزىتىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش پىلانى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى:ياپونىيە مۇھىت ۋازارىتى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق پارنىك گازىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ يەرشارىدىكى مۇشۇ مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان بىردىنبىر سۈنئىي ھەمراھ. ياپونىيە مۇداپىيە ۋازارىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ياپونىيە DSN شىركىتى بىلەن قىممىتى 122 مىليارد ياپونىيە يىنىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام تۈزگەن. بۇ شىركەت ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ تەلىپى بويىچە، قوغدىنىش قىسمىنىڭ خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە