باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشتىن قايسىسى ئىشەنچلىك؟

2013.01.24 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بانكىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسى يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ھەققىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى، جۇڭشىن بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى، خېرىدار چاقىرىش بانكىسىنىڭ كارتا يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ھەققىنىڭ 60 يۈەن ئىكەنلىكى خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بايقىغان. بىر تورداش: كىرېدىت سوممىسىنى بىر يۈەنگە چۈشۈرۈپ قويۇش، چىقىمنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى كارتىنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق كىرېدىت كارتىسى يوقاپ كېتىشتىن كېيىنكى خەۋپتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دېگەن. ئەمما بۇنداق ئۇسۇل ئىشەنچلىكمۇ؟ مۇخبىر مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا كەسىپ ئەھلىنى زىيارەت قىلدى.

  كىرېدىت سوممىسىنى بىر يۈەنگە چۈشۈرۈپ قويۇش، چىقىمنى ۋاقتىنچە توختىتىشتىمۇ يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان

  يوقاپ كېتىشنى مەلۇم قىلىش ھەققى ئۈچۈنلا نەچچە ئون يۈەن ئېلىش خېرىدارلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان. ئەمما كىرېدىت سوممىسىنى تۆۋەنلىتىش، چىقىم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش مۇلازىمىتى ھەقسىز بولۇپ، بۇ، خېرىدارلارنى يوقاپ كېتىشنى مەلۇم قىلىش ھەققىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغان. مۇخبىر بانكا كىرېدىت مۇلازىمىتى ئورنىدىن تېلېفوندا مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، بۇنداق ئۇسۇلدا يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغانلىقىنى بىلگەن. مۇلازىمەت ئورنىدىكىلەر مۇنداق چۈشەندۈرگەن: كىرېدىت كارتىسى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، كىرېدىت كارتىسى ماگنىت تالچىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلىنىش خەۋپى مەۋجۇت. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ھامان ئوخشاش كارتىدىن بىرنى نۇسخىلىيالايدۇ، يەنە تېلېفون بېرىپ كىرېدىت سوممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ ھەم چىقىم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ.

  كارتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىخەتەر ئەمەس

  كۆپىنچە كارتا ئىگىلىرى: كىرېدىت سوممىسىنى تۆۋەنلىتىش، چىقىم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنىڭ ھەر ئىككىسى بىخەتەر بولمىسا، ئۇنداقتا كارتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىخەتەر بولار، دەپ قارىغان. مۇخبىر مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇلازىمەت ئورنىدىكىلەردىن مەسلىھەت سورىغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: كىرېدىت كارتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خېرىدارنىڭ بانكا بىلەن بولغان توختام مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق بىلەن باراۋەر، ئەگەر كارتا يوقاپ كېتىپ، يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلمىغان ئەھۋالدا، بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ خەۋپى بار، چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ‹‹خەۋپ مەزگىلى›› بولىدۇ، ئادەتتە بۇنىڭغا 45 كۈن كېتىدۇ، بۇ مەزگىلدە كارتىدىن پۇل ئېلىنسا، خەۋپ مەسئۇلىيىتىنى خېرىدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ھەق يۇقىرى بولسىمۇ يەنىلا كارتىنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش بىخەتەر ئامانەت كارتىسىنى ئىشلىتىدىغانلارغا ئايانكى، ئامانەت كارتىسى يوقاپ كېتىشنى مەلۇم قىلىشقا ھەق ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق ۋاقىتتا مەلۇم قىلىشقا، ئاندىن كارتىنى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما كىرېدىت كارتىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، يوقاپ كېتىش مەلۇم قىلىنىش بىلەنلا ئۇنى قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بانكا مۇلازىمىتى خادىملىرى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: خېرىدارلار كىرېدىت كارتىسىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى مەلۇم قىلسا، بانكا كارتا ئىگىسىنىڭ كارتىسىغا يەنە بىر مەخپىي نومۇرنى بېكىتىپ بېرىپ، كارتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يوقاپ كېتىش مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن خەۋپ مەسئۇلىيىتىنى بانكا ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كارتا ئىگىسى يوقاپ كېتىشنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېڭى كارتا تولۇقلاپ بېجىرىپ بېرىلىدۇ، كارتا نومۇرىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە