باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى

2013.01.25 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا چىڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرمەكچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتىلمىگەن بىر دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالماقچى بولغان جوماجې ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا قۇتراتقۇچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى پۇخۇانى قولغا ئالدى.

  ئۆتكەن يىلى 19-نويابىر چىڭخەينىڭ توڭرېن ساقچى دائىرىلىرى ئاممىنىڭ توڭرېن ناھىيەسى يوڭچىڭخې مېھمانخانىسىدا بېنزىن قاچىلانغان سۇلياۋ تۇڭ ھەمدە پاختا قاتارلىق بۇيۇملارنى بايقىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇ جايدىكى ساقچى دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالماقچى بولغان جوماجېنى ۋاقتىدا كونترول قىلىپ، جوماجېنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا قۇتراتقۇچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى پۇخۇانى قولغا ئالىدۇ.

  ھازىر پۇخۇا، جوماجې قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى. ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش، دېلو پاكىتىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋاېلىشقا قۇتراتقۇچىلىق قىلىش، بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك جىنايى قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە