باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلارنىڭ كىرىمى %21.7 ئېشىپ، مەملىكەت بويچە 4-ئورۇندا تۇردى

2013.01.25 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 23-يانۋار چاقىرىلغان شىنجاڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى مال ـ مۈلۈكنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمەت يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى، مەملىكىتىمىزىكى 32 ئۆلكە شەھەر ئىچىدە، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى 11-ئايدىكى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان، پايدىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرغان، سۈپەت ۋە ئۈنۈم بىردەك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  2012-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شۇنداقلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاي كونتروللۇقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي كاپىتالى ۋە ساپ مۈلكى ئايرىم ئايرىم ھالدا 472 مىليار 256 مىليۇن يۈەن ۋە 186 مىليارد 788 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %38.4 ۋە %37.9 ئاشقان؛ ئەمەلگە ئاشقان تىجارەت كىرىمى 71 مىليارد 774 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %21.7 ئېشىپ، ئۇدا ئىككى يىل ساپ كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان؛ تاپشۇرغان باج 4 مىليارد 160 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشقان.بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، تۇرپان، بورتالا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ساپ كاپىتالى %40تىن ئاشقان، ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، سانجى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن قىلىنغان كىرىم %60تىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا كۆلەملەشكەن بايلىقى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن توققۇزى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە