باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجوۋ مېتروسى قۇرۇلۇش مەيدانى ئەتراپىدا يەر تۇيۇقسىز ئولتۇرۇشۇرپ كېتىپ، بىر بىنا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە غايىب بولدى

2013.01.29 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 16:40 ئەتراپىدا، گۇاڭجوۋ شەھىرى لىۋەن رايونى كاڭۋاڭ جەنۇبىي يولى بىلەن شەنمۇلەن يولى تۇتاشقان جايدا يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ سودا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، گۇاڭجوۋ 6-نومۇرلۇق مېترو قۇرۇلۇش رايونى يەر ئولتۇتۇشۇپ چۈشكەن جاينىڭ ئەتراپىدا.

  گۇاڭجوۋ مېترو ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو تۆمۈر يول پاي چەكلىك شىركىتى 7-گۇرۇھ شىركىتى ئۈستىگە ئالغان 6- نومۇرلۇق مېترو لىنىيەسى مەدەنىيەت باغچىسى بېكىتى بۇرۇلۇش تونىلىدا، ئىشچىلار يەر ئۈستىنى چارلاۋاتقاندا قۇرۇلۇش رايونى ئەتراپىدىكى كاڭۋاڭ جەنۇبىي يولى بىلەن شەنمۇلەن يولى تۇتاشقان جايدا يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش بىشارىتىنى بايقاپ، دەرھال ئەتراپتىكى ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرغان،سائەت 16:40 بولغاندا يەر يۈزى ئوتۇرۇشۇپ كېتىپ، يول بويىدىكى ماگىزىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئادەملەر ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇلغاچقا، بىرەر ئادەم يارىلانمىدى ۋە ئۆلمىدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە