باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە‹‹دۈشمەندىن دوستقا ئايلاندى››

2013.01.29 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1000 يىلدىن بۇيانقى شاپائەت ۋە ئاداۋەت، 70 يىل جەريانىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قالدۇرغان ئۆچمەنلىكنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ – يوق؟

  تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. 22 – يانۋار فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ‹‹ئېلسېي سارىيى شەرتنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ئىلگىرىكى بۇ رەقىبلەر يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە تارىختىن بۇيان ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ‹‹ئىلگىرىكى ئاداۋىتىنى تۈگىتىپ››لا قالماي، بىر چوڭ قىتئەنىڭ نەچچە ئون يىللىق گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ يارىشىپ قېلىشىغا ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت سىياسىيونلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە ئىجادىي تەپەككۇرى سەۋەبچى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپانىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر. بۇ ئىككى دۆلەت ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەد كۆتۈرۈۋاتقانلىقىغا قاراپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىشىپ بىر گەۋدە بولغاندىلا، يېڭى ئەندىزىدە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  كىشىلەر بەلكىم ئەينى چاغدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى دېگول بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى ئېيدىناۋېرغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەكتۇر. ئەگەر دېگول ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قالغان ئۆچمەنلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۇرتى كېلۇنبې قوش چېركاۋ كەنتىدە ئېيدىناۋېرنى كۈتۈۋالمىغان بولسا، ئەگەر ئېيدىناۋېر ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلمىغان بولسا، كېيىنكى ‹‹فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنى مەركەز قىلىش››تىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

  ئەلۋەتتە، ئىستراتېگىيەلىك نەزەرلا بولۇپ، گېرمانىيە تارىخ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانمىغان ۋە سەمىمىي كەچۈرۈم سورىمىغان بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىشى مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالاتتى. ئېيدىناۋېر 1951 – يىلىلا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ‹‹تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان جىنايەت›› ئۆتكەزگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى ‹‹پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى››نى ئېيتقان.

  گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىرود مۇنداق دېگەن: دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىغا توغرا مۇئامىلە قىلساق ‹‹دوستلاردىن ئايرىلىپ قالماستىن، ئەكسىچە دوستىمىز كۆپىيىدۇ››. گېرمانىيە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە، ‹‹ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش››تىن ‹‹ئازاد بولۇش››تەك ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنى تاماملاپ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەچۈرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، يەنىمۇ ھەمكارلىشىشقا ئاساس سالدى.

  تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مېخانىزمنىڭ ئورنىتىلىشى فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلىكتە ئىجىل – ئىناق ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى. فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە تارىختا چوڭقۇر ئۆچەكىشىپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا مەنپەئەت بىلەن زىددىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى بىر شەرتنامە ياكى بىر بايانات بىلەنلا چەكلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تولىمۇ زۆرۈر بولدى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى كۆپ تەرەپ ۋە ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ تەرەپتىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋرو رايونى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بىر يەرگە مەھكەم باغلىنىپلا قالماي، ئىككى تەرەپ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ‹‹يادرو››سى ۋە ‹‹موتور››ى بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپتىن قارىغاندا، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش ئاساسىدا دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، قوغدىنىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلدى، زىددىيەتلەرنى تىزگىنلىدى.

  سىز ئىككى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قەرەللىك بىرلەشمە ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئېچىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ بۇ مېخانىزم 2003 – يىلى گېرمانىيە زۇڭلىسى شىرود بىلەن فىرانسىيە زۇڭلىسى شىراكنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئورنىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر قېتىم بىرەر ئىش ئۈستىدە قارار چىقارماقچى بولسا، فىرانسىيە – گېرمانىيە باشلىقلىرى ئالدىن ئۇچرىشىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بۇ خىل ‹‹مۇقام بەلگىلەش›› ئۇسۇلىغا باشقىچە قاراشتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياۋروپادا فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.

  يېرىم ئەسىردىن بۇيان، گۇمانىي قاراش توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، ئىلگىرى ئۆچمەنلىشىپ كەلگەن فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ھامان ئاداۋىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىناق، ھەمكارلىشىدىغان، ئىككى تەرەپ تەڭ پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان غايەت زور چاقنى ئايلاندۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە