باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدا 726 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىندى

2013.01.29 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىل 28-يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 14 كىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى جەمئىي 726 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالغان، تەكشۈرۈپ تۇرغۇزۇلغان تەكلىپ 717 پارچە بولغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت تەكلىپ 367 پارچە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئائىت تەكلىپ 254 پارچە، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئائىت تەكلىپ 96 پارچە بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپ بېرىش ئاخىرلىشىش كۈنىدىن كېيىن تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، تۇرغۇزۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}