دۆلىتىمىز يېڭى زىلاندىيەدىن ئەھۋالنى ئىمكانقەدەر تېز چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2013.01.29 16:42 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ لىيىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 28-چېسلا سۈت پاراشۇكىدا دىسسىئان قالدۇقى كۆرۈلۈش مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى زىلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، يېڭى زىلاندىيە تەرەپتىن ئالاقىدار ئەھۋال ئۈستىدە ئىمكانقەدەر تېز تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنى، خەتەرنى باھالاش دوكلاتى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە