- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىققا دەۋەت قىلدى
2013.01.29 16:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئاسىيا ئوكيانىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇگىياما شىنسۇكى تۈنۈگۈن زىيارەتكە بارغان ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى دەيۋىس بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىققا دەۋەت قىلدى.
ئىككىيلەن سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا كورىيە، جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چاۋشيەننى يادرو سىنىقى قاتارلىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
دەيۋىس مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەننى ئېنىق تاللاش چىقىرىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر چاۋشيەن مەجبۇرىي يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، ئامېرىكا چاۋشيەن سۆزلىشىشنى قايتا باشلاش ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە