باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەگە ئەزا قۇبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئىشىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى

2013.01.29 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 28-يانۋار يىغىن چاقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەگە ئەزا قۇبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئىشىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە گەۋدىسىنىڭ ھۈجەيرىسى ۋە پارتىيە ھەرىكىتىنىڭ سۇبيېكتى، پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇنى قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش. ئۇزاقتىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەپ كەلدى، زور بىر تۈركۈم نەمۇنىلىك خادىملارنى پارتىيە تەشكىلىگە قوبۇل قىلىپ، پارتىيەگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋانگارتلىق، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدى، بولۇپمۇ چوڭ-چوڭ ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، بارلىقىنى شەخسىيەتسىز بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە