باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانى تۇنجى قېتىم ئازايدى

نوپۇس پايدىسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى كۆرۈلدى

2013.01.28 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ 15 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانىدا خېلى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇتلەق تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 3 مىليون 450 مىڭ ئادەم ئازايغان. يېقىندا، دۆلەت ئىستاتستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا «بۇ ئىشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈش لازىم»لىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەنلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، نوپۇس ۋە ئەمگەك-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سەي فاڭ خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ جۇڭگونىڭ نوپۇس پايدىسى بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ 2012-يىلى كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىز پسىخىكا ۋە سىياسەت جەھەتتە يېتەرلىك تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك.(مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە