شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدە 4.2 بال يەر تەۋرىدى
2013.01.29 16:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ كۈزىتىشىگە قارىغاندا، 26-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ( شىمالىي كەڭلىك ، 40.0گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.3 گىرادۇس ) دە 4.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئالتە كىلومېتىر كېلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە