باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تورداشلار شى جىنپىڭنىڭ « ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن سۆزىنىڭ روھىغا قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى(1)

2013.01.25 14:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ «ئىقتىسادچان-تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن سۆزىنىڭ روھى ئىنتېرنېت تورىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلىرى، سودا تور بېكەتلىرى باش بەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئورنىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق تېكىستى بىلەن كۆچۈرۈپ باستى.

  يېقىندا «تىل ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىق» ئەڭ يېڭى تارقالغان تور قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. تورداشلار بەس بەستە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆز بولدى، باش شۇجىنىڭ سۆزىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز ۋە قوللايمىز دېيىشتى. بەي يۈن ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېدى: ھەشەمەتچىلىك قىلىپ ئونمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بىر ۋاق تاماق يېيىلدى، سۆلەتۋازلىق قىلىپ يېرىمىنى يەپ يېرىمى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاددىي پۇقرالار ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئالامەتلەر. راھەتپەرەسلەر بىلەن ئەيش ئىشرەتكە بېرىلگەنلارنىڭ ئىپادىسى ئىسراپچىلىق قىلىش. ئىسراپچىلىق قىلىش كىچىك مەسىلە ئەمەس، ئىدىيەسىدە، قېنىدا، ئىستىلىدا چوڭ مەسىلە بار دې‍گەنلىك. بىر تورداش مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېدى: بەزى تاماق ئۈستىلىدە قىممەت بېلىق، قىسقۇچپاقا، تاشپاقا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىلدى، لافېت، ماۋتەي ھاراقلىرى پىۋا ئورنىدا ئىچىلدى، بۇنىڭ نەچچىسى ھەقىقىي ئىستىمال ئېھتىياجى، نەچچىسى ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ئەيش ئىشرەتچىلىك ئىسراپچىلىق كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، ناتوغرا ئىستىل ھەربىر ئەخلاق پەزىلەتلىك كىشىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ بۇرۇلۇش ياساش قەدىمى تېزلەشتى. ئىستىمالچىلىق قارىشى يامرىدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە ئەيش ئىشرەت بۇزۇپ چېچىش«غەلبە قازىنىش» ۋە «مەرتىۋە»دىن دېرەك بەردى. شىشى ئىسىملىك بىر تورداش بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى. پۇلپەرەسلىك جەمئىيەتنى ماددىي تۇرمۇشقا مۇتلەق چوقۇنۇشقا ئىتتىرىپ، ئىجتىمائىي قىممەت سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە