باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تورداشلار شى جىنپىڭنىڭ « ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن سۆزىنىڭ روھىغا قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى(2)

2013.01.25 14:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەت ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا، كادىرلار ئاچقۇچ. بەزى تورداشلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىچىدىكى ئەيش ئىشرەت، ئىسراپچىلىق، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق ئىستىل مەسىلىسى پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چىرىتىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزى باشلامچى بولغاندىلا ئىسراپچىلىقنى توسۇپ، تېجەشچان بولۇش يېڭى ئىستىلىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

  مەركەزنىڭ تېجەشچان بولۇش ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللاش كېرەك! باش شۇجى سۆزىدە «يولۋاس» بىلەن «چىۋىننى» قەتئىي بىردەك يوقىتىش كېرەك ھەم رەھبىرى كادىرلار ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەم ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك دېدى. بۇنىڭدىن بىز مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىر تورداش مۇنداق دېدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كادىرلار ئىستىلىدا بۇرۇلۇش ياساش ئارقىلىق مەدەنىيەتلىك بولۇش ئىستىلىغا باشلامچى بولۇپ، بۇزۇپ چېچىش ئىسراپچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىپ، تىل ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىقنى مەنبىيىدىن توسۇپ، يەر شارىنىڭ ئانچە يېتەرلىك بولمىغان بايلىقىنى ئۆز مەيلىچە ئىسراپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە