- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى
2013.01.24 16:38 مەنبە: خەلق تورى
 |
2013-يىلى 23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
|
2013-يىلى 23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاخبارات باياناتچىسى، مۇئاۋىن باش كاتىپ ياڭ شېپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە يىغىن ھەيئەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنى نۆۋەت ئالمىشىش يىغىنى بولۇپ. 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن باشلىنىپ 30-يانۋار چۈشتىن كېين ئاياقلىشىدۇ، يىغىن ئالتە كۈن ئېچىلىدۇ. يىغىندا ئالتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن، يەتتە قېتىم گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، بىر قېتىم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، 3 قېتىم ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ھەيئىتى جەمئىي 526 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى 258 نەپەر بولۇپ، %49.05نى ئىگىلەيدۇ، دېموكراتىك پارتىيە ـگۇروھلار ، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار 268 نەپەر بولۇپ، %50.95نى ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر 256 نەپەر بولۇپ، %48.67 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ؛ خەنزۇلار 270 نەپەر بولۇپ، %51.33نى ، ئاياللار 137 نەپەر بولۇپ، %26.05نى ئىگىلەيدۇ。
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}