باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدا %20 ئىقتىساد قىسقارتىلدى

يوللار راۋان بولۇپ، خەلققە دەخلى قىلمايدۇ.

2013.01.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىجەشلىك بولۇش قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، يىغىن تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنى 25-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنى نۆۋەت ئالمىشىش يىغىنى بولسىمۇ، بىراق ئاددىي، قىسقا، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش مەقسىەت قىلىنىپ، يىغىن ئىستىلى ئۆزگەرتىلىپ، تىجەشلىك بولۇش قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئاددىي بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، يىغىن خىراجىتى قاتتىق قىسقارتىلىپ %20 خىراجەت تىجەپ قىلىندى، ھەيئەتلەر تۇرىدىغان مېھمانخانا ۋە تۈرلۈك يىغىن پائالىيەتلىرى قىسقارتىلىپ، نەق مەيدانغا قارشى ئېلىش ـ ئۇزىتىش پلاكاتلىرى ئىسىلمايدۇ؛ مېھمانخانا، يىغىن زاللىرىغا گۈل تىزىلمايدۇ، ئىچىملىك، مېۋە، ھاراق بېرىلمەيدۇ؛ خاتىرە بويۇمى تارقىتىلمايدۇ؛ يىغىننىڭ ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىملىرىدا ھەربىي ئوركىستىر تەكلىپ قىلىنمايدۇ؛ يىغىن ئارىلىقىدا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمايدۇ.يوللار راۋان بولۇپ، خەلققە دەخلى قىلىنمايدۇ

  يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەيئەتلەر كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدۇ، يوللار راۋان بولۇپ، خەلققە دەخلى قىلىنمايدۇ؛ يىغىن كاتىبات ئورنى ھەيئەتلەرنى يوقلىما قىلىپ، ئۆز مەيلىچە يىغىنغا قاتناشماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ تۇنجى قېتىم خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىما قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەپسىلىي خىزمەت پىلانىنى بېكىتىپ، تەرتىپلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىملەپ بېرىلىپ، قاتلاممۇ ـ قاتلام مەسئول بولۇش، زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىق، ئادەم قىسقارتىپ خىزمەتنى قىسقارتماسلىق، ئادەم قىسقارتىپ مۇلازىمەتنى قىسقارتماسلىق، ئادەم قىسقارتىپ ئۈنۈمنى تۆۋەنلەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}