باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق رۇسىيە پۇقراسى سۈرىيەدىن ئايرىلدى(1)

2013.01.24 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-يانۋار، رۇسىيە سۈرىيەدىن ئايرىلماقچى بولغان 150 تىن كۆپ رۇسىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئىككى ئايروپىلاننى لىۋان بېيرۇت ئايرودرومىغا ئەۋەتكەن. سۈرىيەدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان رۇسىيە پۇقرالىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 50 ئادەم يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سۈرىيە-لىۋان چېگرىسىدىن ئۆتكەن. سۈرىيەنىڭ «پولاتتەك تەۋرەنمەس» ئىتتىپاقداش دوستى بولغان رۇسىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىن پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشتەك بۇ خىل ھەرىكىتىنى چەتئەل تاراتقۇلىرى «رۇسىيە سۈرىيە پىرېزىدنتى باشار ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلغان. بىراق، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-يانۋار، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەرگىزمۇ سۈرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنى سۈرىيەدىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلىش ئەمەسلىكىنى، سۈرىيەنىڭ يەنە نۇرغۇن رايونلىرى بىخەتەر بولغاچقا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنى سۈرىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە