باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2013.01.23 17:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ، قىزچاق شىن يىبىڭدىن ‹‹بۇ يەردىكى تاغا–ھەدىلىرىڭىز ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتامدۇ؟›› دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ جاراڭلىق ئاۋازدا: ‹‹ھەئە›› دەپ جاۋاب بەردى.

  ۋاھالەنكى، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى شىن يىبىڭ بۇنداق خۇشال ئەمەس ئىدى. مەقئەت پۈتەي كېسىلى ئىككى ياشتىن ئاشقان شىن يىبىڭنى قىيناپ كەلگەنىدى. بۇلتۇر نويابىردا بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يىراقتىن داۋالاش تورى ئارقىلىق ئۇنىڭ كېسىلىگە تۇغما مەقئەت پۈتەيلىك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى شىن يىبىڭنى بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانىغا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا ئېلىپ بارغان، ھازىر شىن يىبىڭنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل، يېتىم–يېسىر، مېيىپ بالىلارنىڭ داۋالىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭ ھەربىي رايونى دوختۇرخانىسى قارىمىقىدىكى ‹‹1–ئاۋغۇست›› بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم دوختۇرخانىلار ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدا يىراقتىن تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭنىڭ ئەۋزەل داۋالاش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدىكى يېتىم–يېسىر، مېيىپ بالىلارنىڭ كېسىلىگە تور ئارقىلىق دىياگنوز قويدى ۋە مەسلىھەت بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كومپيۇتېر، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە، رەقەملىك سۈرەت ئاپپاراتى، كامېرا، لېنتا لامپىسى قاتارلىق يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئو رنىتىش ۋە تەڭشەش 2012–يىلى 20–دېكابىر ئاخىرلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە