- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن بۈگۈن باشلىنىدۇ
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 189 پارچە تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇرۇپ ئالدى
2013.01.25 15:19 مەنبە: خەلق تورى
25-يانۋار، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك بىرىنچى يىغىنى باشلاندى، ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا مۆلچەرلىنىشىچە 594 نەپەر ۋەكىل قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ شېڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 526سى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملىق ئىسمى ئاتالغانلاردىن 237 نەپىرى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %45.06نى ئىگىلەيدۇ؛ يېڭىدىن ئىسمى ئاتالغانلاردىن 289ى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %54.9 نى ئىگىلەيدۇ. 22-يانۋار سائەت 19:00غىچە، يىغىندىكى تەكلىپ گۇرۇپپىسى 189 پارچە تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇرۇپ ئالغان. تەكلىپ لايىھەلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن ـ تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە قانۇن ـ پەرمانلارغا چېتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}