باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېيخې ھادىسىسى چاغانلىق توشۇش خىزمىتىگە بىخەتەرلىك سېگنالى چالدى

2013.01.29 16:36   مەنبە: خەلق تورى

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.
ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان. 

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 7دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېيخې شەھرىگە قاراشلىق خېيلۇڭجياڭ خېيخې تۆمۈريول (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (يەرلىك تۆمۈريول شىركىتى)نىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە تۆمۈريول قاتنىشى ھادىسىسى يۈز بەرگەن، بىر يۈك پويىزى لۇڭجېن بازىرى بىلەن شياڭخې ئارىلىقىدىكى تۆمۈريولنىڭ 81 كىلومېتىر نۇقتىسىدىكى يەرلىك تۆمۈريول ئېغىزىغا كەلگەندە، تاشيولدا قاتناۋاتقان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. مۇخبىر خەۋەر يوللىغان چاغقا قەدەر، 9 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان.

  نۆۋەتتە، خاربېن شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى، خېلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە خېيخې شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھادىسەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز