جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:26-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلار بويىچە « ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات » قا قاراپ چىققاندىن كېيىن، بىرلىكتە دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر بىردەك، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، دېيىشتى.