باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھەر كۈنى 700 مىڭ ئادەم تور جىنايىتىنىڭ دەخلى-تەرۇزىغا ئۇچرايدىكەن

2013.01.28 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچى ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى «جۇڭگونىڭ 2012-يىللىق ئالاقە تورىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگىنى پاش قىلغان تورغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلو 118 مىڭدىن ئاشقان. 2011-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 7-ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 700 مىڭ تور ئابونتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگىنى تورغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلودىن 118 مىڭنى پاش قىلىپ، 216 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.(يۈەن گولى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە