- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى «تۈتەك» توغرىسىدا ئالدىن سىگنال بەردى
2013.01.29 16:23 مەنبە: خەلق تورى
28-چېسلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا-شەرق رايونلىرىنى قاپلىۋالدى، 28-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۈتەك توغرىسىدا مەخسۇس سىگنال بەردى. مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى خې لىفۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ تۈتەكلىك ھاۋارايىنىڭ كەينى-كەينىدىن پەيدا بولۇشىغا ئادەتتىن تاشقىرى بىنورمال ئاتموسفىرا ئايلانما ئېقىمى ئاساسلىق سەۋەب بولدى، دېدى.
مۆلچەرلىنىشچە، بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ ئەتە چۈشتىن بۇرۇنغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا-شەرق رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇس تۇمان ياكى تۈتەك قاپلىۋالىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ- تىيەنجىن رايونى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇب رايونلىرى، خېنەننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، ئەنخۇينىڭ شىمالىي ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرى، جياڭشىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى، فۇجيەننىڭ غەربىي- شىمالى رايونلىرى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىنى تۇمان قاپلىۋېلىپ، كۆرۈنۈش دائىرىسى 1000 مېتىرغا يەتمەيدۇ، قىسمەن رايونلاردا كۆرۈنۈش دائىرىسى 200 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۇمان قاپلىۋالىدۇ. ((مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە